Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. بەدەن، گەۋدە.
تەنتەربىيە.* تەن جازاسى.* تېنى تىكەنلەشمەك، تېنى جۇغۇلدىماق، تېنى شۈركەنمەك.* تەن ساقلىق _ زور بايلىق ( ماقال ).* بىر تەن، بىر جان.* جان راھىتى تەن بىلەن، تەن راھىتى پەم بىلەن ( ماقال ).* بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلماق.
تېنىڭدە بىر ئەزا بولسا بىمار،
ھەممىسىدە قالماس سەۋرە ۋە قارار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
تەۋە، مەنسۈپ.
ئەمدى بۇ ئۆي ماڭا تەن بولدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئىقرار 1. تەن ئالماق، ئىقرار قىلماق، ئېتراپ قىلماق، بوينىغا ئالماق.
گۇناھىڭنى تەن ئالساڭ، جازا يېنىك بولىدۇ.* ئۇ ئۇتتۇرغىنىنى تەن ئالدى.
2. تەن بەرمەك، قايىل بولماق، بويسۇنماق. دۈشمەن يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدۇ.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تەن، بەدەن، جىسىم.
ئادەم، شەخس:
بۇ سائەت ئىچىندە بەرەھمەن كېلىپ،
مۇنىڭ ئارقاسىدىن نەچە تەن كېلىپ.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۈتۈن ئورگانىزمى.
تەن ساغلىق _ زور بايلىق. ساپ ھاۋا تەنگە داۋا. ياش بەدەننىڭ ساقايماس يارىسى يوق. ئەر - خوتۇن بىر تەن - بىر گەۋدە بولۇشى كېرەك. كەمتەرلىك ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ مەنزىرلىك بېغىدۇر. جۇغى كىچىك دېمە، ئەقلى تۈزۈك دە. جىسمى گەۋدىلىك بىر كىشى كەلدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئورتاق مەنبەسى ۋە ئورتاق ئىرسىيەت خۇسۇسىيىتى بولغان كىشىلەر توپى.
دۇنيادا ئاساسلىقى نېگىر - ئاۋسترالىيە ئىرقى يەنى قارا تەنلىكلەر، موڭغۇل ئىرقى، يەنى سېرىق تەنلىكلەر، ياۋروپا ياكى كاپكاز ئىرقى يەنى ئاق تەنلىكلەر بار. ئىرقچىلىققا، ئىرقىي كەمسىتىشكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز.
شىۋىلەر
مەنسۇپ، تېگىشلىك، تەۋە؛ ھېساب. مەسىلەن: بۇ ئۆي ماڭا تەن؛ بۇ شىرە بۇزۇلسا ماڭا تەن، ئوڭلاپ بېرىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بەدەن، گەۋدە.
تەن بىر، جان بىر (ماقال).
تىتىلغان تەن، تۈگۈلگەن مۇشت، كىرىشكەن چىش، پۈتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان!
كىشىنىڭ پۈتۈن بارلىقى، ۋۇجۇدى.
تەننىڭ ساقلىقى - جاننىڭ راھىتى (ماقال).
گەۋدىنىڭ باشتىن باشقا قىسمى.
بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلماق.
ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز ۋە غول قىسمى.
ئادراسمان ئۆسۈملۈكىنىڭ تېنى ئىسرىققا ۋە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
مەلۇم بىر ئىشنىڭ ئۆز زىممىسىدە ئىكەنلىكىدىن قىلىنغان ئىقرار.
تەن ئالماق. تەن بەرمەك.
مەن بۈگۈن كېچىكىپ قالغانلىقىمغا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تەن.
<تېگىشلىك، مەنسۇپ> دېگەن مەنىدە كېسىم رولىدا كېلىدۇ.
ھارماي ئىشلەيمىز ئەمدى، ھوسۇل بىزگە تەن. كىم ئەمگەك سۆيسە، تىرىشسا، شۇنىڭ تۇرمۇشى قەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
باشقىلارنى كەمسىتىپ ئېيتىلغان دارىتما، ئەگىتمە سۆز.
ئەكبەر ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى ئۆتكۈر تەنە، ئاچچىق مەسخىرىنى سەزمىگەندەك، تۈزلا گەپ قىلدى.
نارازى بولۇپ، مىننەت بىلەن دوق قىلىنغان ھەرىكەت.
ئايالى ئۇنىڭغا تەنە ۋە يوشۇرۇن ئازاب ئىچىدە قاراپ كۈلۈمسىرىدى.
ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى، يەنى بىرەر سۆزنى ئەكس مەنىدە قوللىنىش ئارقىلىق مەسخىرە ئاساسىدا، ئەسلىدە ئىپادىلىمەكچى بولغان ئۇقۇمنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، تەسىرلىك قىلىپ ئىپادىلەش ئۇسۇلى.