Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تەم سەزگۈسى
بىئولوگىيە
味觉
wèijué
تەمى بولغان خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ غىدىقلىشى بىلەن كېلىپ چىققان سېزىم. بۇ جەريان ئاساسەن تىل قىسمىدىكى تەم غۇنچىلىرى (بۈدۈرلىرى) نىڭ سۇدا ياكى شۆلگەي سۇيۇقلۇقىدا ئېرىگەن خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ قوزغىلىش پەيدا قىلغانلىقى، ئاندىن سەزگۈ نېرۋىلىرى ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە كىرىپ تەم تۇيغۇسى ھاسىل قىلغانلىقىدىن بولىدۇ. ئاساسلىق تەم سېزىمى تاتلىق، چۈچۈمەل ئاچچىق، تۇزلۇق (قىرتاق) لاردىن ئىبارەت بولىدۇ. قالغانلىرى ئارىلاش تەم سېزىملىرى ھېسابلىنىدۇ. تەم سېزىمى ھايۋان ئورگانىزمنىڭ ئوزۇقلۇق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بەدەن ئىچىدىكى مۇھىتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى نورمال تەم سەزگۈسى ئارقىلىق ئورگانىزمغا ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلارنى تاللاشقا تايىنىدۇ. ئەگەر ھايۋاننىڭ سىرتقى ئەتراپ تەم سەزگۈ نېرۋىسى كېسىپ ئېلىۋېتىلسە، ئوزۇقلۇقنى ئۆزى تاللاش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.
پسىخولوگىيە
味觉
wèi jué
بۇ سىرتقى جسىملارنىڭ تەمىنى پەرق ئېتىش سەزگۈسىدىن ئىبارەت. سۇ ياكى شۆلگىيىمىزدە ئېرىگەن ماددىلار تىل ئۈستىدىكى ۋە ئېغىز بوشلۇقىدىكى شىلىمشىق پەردىدىكى تەم سەزگۈچ ھۈجەيرىلەردە قوزغىلىش پەيدا قىلىدۇ ۋە بۇ قوزغىلىش چوڭ مېڭە پوستلۇقىغا بېرىش بىلەن بۇ يەردە تەم سەزگۈسى ھاسىل بولىدۇ، مانا بۇ تەم ئانالىزاتورلىرىنىڭ بىر پۈتۈن پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى. ئاساسىي تەم سەزگۈسى تۆت خىل بولىدۇ: تاتلىق، چۈچۈمەل، ئاچچىق، تۇزلۇق، قالغانلىرى ئارىلاشما سەزگۈلەردىن ئىبارەت. لېكىن بىز ئادەتتە تەملەرنى نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتايمىز. مەسىلەن: تۇز تەمى، لازا تەمى، غورا تەمى، ھەسەل تەمى، شوخۇلا تەمى ... ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بىلەن ئوزوقلىنىش ئادەتلىرىنىڭ پەرقىگە ئاساسەن ھايۋانلارنىڭ تەم سېزىش ئۆتكۈرلۈكىدە ناھايىتى زور پەرق بار. ئىپتىدائىي سۇ ھايۋانلىرى چۈچۈمەل تەم بىلەن تۇزلۇق تەمنى پەرق ئېتەلىگەن. نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجلىك ھايۋانلار تېخى تاتلىق تەمنى سەزمەيدۇ. شۇڭا چۈچۈمەل، تۇزلۇق، ئاچچىق، تاتلىق تەم سەزگۈلىرىنىڭ تەرتىپ ھايۋانلارنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشىنىڭ ئىۋولۇتسىيىلىك تەرەققىياتىغا ماس كېلىدۇ. تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ئادەمنىڭ تەم سەزگۈسى يەنىمۇ تەرەققىي قىلالايدۇ. ئادەم بەش مىڭ خىلدىن ئارتۇق تەمنى پەرق ئېتەلەيدۇ. قۇمۇش شېكىرىنىڭ 6:1000 نىسبەتتىكى ئېرىتمىسىنىڭ تەمىنى، خىنىنىڭ مىلياردتىن بەش نىسبەتتىكى ئېرىتمىسىنىڭ تەمىنى پەرق ئېتەلەيدۇ. ئاشپەز ياكى چاي، ھاراق تەمىنى تېتىغۇچىلارنىڭ تەم سەزگۈسى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭكىدىن ئۈستۈن بولىدۇ. بۇ پاكىتلاردىن ئادەمنىڭ تەم سەزگۈسى ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەسلىكىنى، بەلكى تەجرىبە ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. تاماق تەمى سەزگۈسى ئاساسىدىكى ھىد سەزگۈسى، ئىسىقلىق سەزگۈسى، تېگىش سەزگۈسى، ئاغرىش سەزگۈسى قاتارلىق كۆپ خىلدىكى سەزگۈلەرنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت. سەي - تاماقلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۇلارنىڭ تەمىگە تەسىر قىلىدۇ. تاماقنىڭ تېمپېراتۇرىسى 0° تىن °60 غىچە ئاشۇرۇلسا، تاتلىق تەم بىلەن تەمىنى كۈچەيتىدۇ، چۈچۈمەللىك ئۆزگەرمەيدۇ، تۇزلۇق تەم بىلەن بەزى ئاچچىق تەم ئاجىزلايدۇ. زۇكام بىلەن ھىد سەزگۈسى ئاجىزلاشقاندا تەم سەزگۈسىگە تەسىر قىلىدۇ. تەم سەزگۈسىنىڭ ئۆتكۈرلۈك دەرىجىسى تىلنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلىرىدا تۈرلۈكچە (ھەرخىل دەرىجىلىك) بولىدۇ، تىل ئۇچى تاتلىق تەم بىلەن تۈزلۇق تەمگە نىسبەتەن سەزگۈررەك بولىدۇ، تىل ئارقى ئاچچىق تەمگە سەزگۈررەك بولىدۇ. تىل ئۈستىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى چۈچۈمەل تەمگە سەزگۈر بولىدۇ. بۇ ھال تەم تۈگمىلىرىنىڭ جايلىشىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
تېببىي,ئۇنىۋېرسال
味觉
wèi juéDئۇنىۋېرسال
味蕾
wèi lěi