Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەملىك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
مۈلۈكلۈك، مۈلۈك قىلىپ بېرىش:
مەغفىرەت گەنجى سەڭا تەملىك ئېرۇر، مانېئ ئەمەس،
ئەيلەسەڭ ئىسيانى كۆپ ئۇممەتكە ھەر مىقدار خەرج.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بال، شېكەرنىڭ تاتلىقىدەك تەم.
«تەملىك» ، «مەززىلىك» ، «لەززەتلىك» لەر ئومۇمەن ئاش - تاماققا قارىتا ئېيىلىدۇ.
تاتلىقنى تېتىغان ئاچچىققا يولىماس. ئاچچىقنى تېتىپ كۆرمىگەن، تاتلىقنىڭ تەمىنى بىلمەس. تەملىك بولسۇن دېسەڭ، ئازراق تۇزسال. شېرىن - شېكەر. شېرىن خىيال ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەس. ئاش تۇز بىلەن مەززىلىك. ئىشلەپ يېگەن لەززەتلىك، تىلەپ يېگەن مىننەتلىك. تېتىملىق بىر سۆز ئىككى سۆزگە تېتىيدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تاتلىق تەمى بار، تەمى ياخشى، كىشىگە ياقىدىغان.
تەمسىز، تېتىقسىز، بەتتام
تەمى لاۋزا، تەمى يامان، كىشىگە ياقمايدىغان.
ئەمگەكنىڭ نېنى تەملىك. ئوخشىمىغان ئاش تەمسىز. ئىشلەپ يېگەن لەززەتلىك، تىلەپ يېگەن مىننەتلىك. تېتىقسىز قىلىق بىلەن تېتىقسىز مېۋە ئوخشاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تەمى بار، تەمگە ئىگە.
بالا چۈچۈك تەملىك بىر دانە ئالمىنى يەۋاتىدۇ.
تەمى ياخشى، تاتلىق.
تەملىك، پوستى نېپىز، سوغۇققا چىداملىق بۇ خىل ئالما ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.