Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەلۋىلەر
دۇنيا تارىخى
غەزەپلىكلەر دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى يېزىلاردىكى نامرات ئەمگەكچى ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رادىكا سىياسىي مەزھەپ، <تەلۋىلەر> گىروندىچىلارنىڭ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ قويغان نامى. رەھبەرلىرىدىن جاككىئۇس رۇخ، ۋارلېت قاتارلىقلار بار. ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى قاتتىق جازالاپ، ھايانكەش سودىگەرلەرگە زەربە بېرىش، مال باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەپ، مال - مۈلۈكنى تەڭ تەقسىم قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاشلىقنى ئومۇميۈزلۈك سېتىۋېلىش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1793 ـ يىلى پارىژ، لىئان قاتارلىق جايلاردا ئىنقىلابىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارغان ھەمدە گىروندىچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇۇرش قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان. ياكوبىن دىكتاتۇرىلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مۇھىم بىر ئىجتىمائىي كۈچ بولۇپ، كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھايانكەش سودىگەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك تېرورلۇق سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەلپ قىلغانلىقتىن، ياكوبىنچىلار بىلەن كەسكىن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1793-يىلى كۈزدە باستۇرۇلغان.