Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەلقىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: تەلقىنات. تەلىم. بىرەر مەسىلىنى باشقىلارغا ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش، ئىزاھلاش:
مېيىت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن قەبرە بېشىدا ئىمام تەرىپىدىن كەلىماتى مەئۇلمە نىڭ تەكرارلىنىپ كېلىشى.
ھۇسن ئەتقالىغە لەۋھى ئارەزىندۇر سەبەق،
ئايغە تەلقىن ئەيلەگەندەك شۇئلە مېھرى خاۋەرى.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆڭۈلگە، زېھنىگە سالماق، ئۆگىتىپ ئېيتماق، باشقىلارنىڭ ئاغزىغا گەپ سېلىپ بەرمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىنىي ۋەز، نەسىھەت، تەلىم.
تەلقىن قىلماق.
ئاشىقلار ئاھاڭلىق ئوقۇيدىغان نەزم، ھۆكمەت.
تەلقىن ئوقۇماق.
چۈشەندۈرۈش، ئىزاھ.
بەگ ھاجىمۇ روبىرتنىڭ سۆزلىرىگە قىلدى تەھسىن، قوشۇپ بەزەن سۆزىگە يېڭى تەلقىن