Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەلىندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تېشىلدى، ئېچىلدى.
تام تەلىندى _ تام تېشىلدى ( تەلىنۈر _ تەلىنمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كۈچەندى بىلەكىم
ياغۇدى تىلەكىم
تەلىندى بىلىكىم
تەگرۈپ ئاڭار چەرتىلۈر
«بىلىكىم كۈچەندى،
تىلىكىم يېقىنلاشتى،
بىلىمىم بۇلىقى ئېچىلدى،
ئۇنىڭغا يېتىپ يوقىلىدۇ.»
بىلىكىم كۈچەندى، ئىلىم - ھېكمەت ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەر يازغىنىم ئۈچۈن ئۇ زورۇقتى؛ ئەمدى ئىلىم - ھېكمەتتىكى مۇرادىم يېقىنلاشتى، كۆكسۈمدە ئىلىم - ھېكمەت بۇلاقلىرى ئېچىلدى، زامان مېنى مۇشۇ يەرگە يەتكۈزگىنىدە، ئۆمرۈممۇ ئاخىرلىشىۋاتىدۇ.
2 - 209