Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
特勒决议案
دۇنيا تارىخى
تېللېر قارار لايىھىسى
<تۆتىنچى قارار لايىھىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى ھارپىسىدا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېللېر (1830 - 1914) ئوتتۇرىغا قويغان كۇباغا قارىتىلغان مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى قارار لايىھىسى. 1898-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى مىنلېي پارلامېنتقا يازغان خېتىدە ئىسپانىيىنىڭ كۇبادىكى ئۇرۇشىنى چەكلەش ھوقۇقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. پارلامېنت 19-كۈنى ئۈچ قارار لايىھىسىنى ماقۇللىغان: كۇبانىڭ مۇستەقلىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان؛ ئىسپانىيىنىڭ كۇبادىن چېكىنىپ كېىشىنى تەلەپ قىلغان؛ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىغا يۇقىرىدىكى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىش ھوقۇقى بەرگەن. كولورادو كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى تېللېر بىر قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭدا كۇبا ئارىلىنى تىزگىنلىمەيدۇ دېيىلگەن. بۇ قارار لايىھىسى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ قارار لايىھىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى قاتارىدا ماقۇللانغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە رول ئوينىمىغان.