Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەكەللۇف
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆزىنى كۈلپەتكە سېلىش، ئۆزىنى قىيناش، قىيىنلىش ۋە ئازابلىنىش ئارقىلىق بىر ئىشنى بېجىرىش.
ھەشەمەت، بېزەك.
تەكەللۇفلار ئەتتى تەۋازۇئ بىلە،
شەھەر ئىچىدە تۈشتى تەۋابېئ بىلە.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تارتىنماق، قورۇنماق؛ قىينالماق، ھەرەج تارتماق، ئاۋارە بولماق، جوۋىماق.