Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەجرىبە ئېمبرىئولوگىيىسى
بىئولوگىيە
ھەر خىل تەجرىبە ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ يەككە يېتىلىشنىڭ سەۋەبى، ئورگانلارنىڭ ھاسىل بولۇشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھەمدە ئۇلارنىڭ ھاسىل بولۇش ۋاقتىدىكى ئۆز ئارا تەسىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، جانلىقلارنىڭ يەككە يېتىلىش جەريانىدا مورفولوگىيىلىك شەكىلنىڭ قۇرۇلۇش قانۇنىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرىدىغان پەن. كلاسسىك تەجرىبە ئمېبرىئولوگىيىسى ئاساسەن مېخانىكىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ (مەسىلەن: تۆرەلمىنى كۆچۈرۈش، بوغۇش ۋە يىڭنە بىلەن غىدىقلاش قاتارلىقلار) جانلىقلارنىڭ يېتىلىش پرىنسىپى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. مەسىلەن، قوش ماكانلىقلارنىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمى بۆلۈنۈپ ئىككى ھۈجەيرىلىك مەزگىلگە كەلگەندە، ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىپ مۇكەممەل بولغان ئىككى تۆرەلمىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بىراق دېڭىز غىلىپىنى ماتېرىيال قىلىپ ئوخشاشلا ئىككى ھۈجەيرىلىك مەزگىلدە ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋەتكەندە، ھەر بىرى پەقەت يېرىم تۆرەلمىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى قوش ماكانلىقلارنىڭ تۇخۇمى تەڭشىلىش تىپىدىكى تۇخۇم (regulation egg) بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى تەڭشىيەلەيدۇ. ھالبۇكى دېڭىز غىلىپىنىڭ تۇخۇمى بولسا كىرىشىشچان تىپىدىكى تۇخۇم (mosaic egg) بولۇپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ماددىلىرى بەلگىلىنىپ بولغان بولىدۇ، ئۇ يەنە قايتا تەڭشەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ھەر بىرى پەقەت يېرىم تۆرەلمىنىلا ھاسىل قىلالايدۇ.