Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تەيزۇڭ ۋوليې خان
دۇنيا تارىخى
太宗武烈王
tài zōng wǔ liè wáng
(803 - 661) چاۋشيەن سىللا خانلىقىنىڭ پادىشاھى (654 - 661). فامىلىسى جىن، ئىسمى چۈنچيۇ، ئاتىسى جىنجى خاننىڭ ئوغلى جىنلۇڭچۈن (يەنە بىرئىسمى جىن لۇڭشۇ). مىلادىن 642-يىلى كوگۇرىيوغا ئەلچى بولۇپ بارغان. 647-يىلى ياپونىيىگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ، داخې ئوردىسىدىكى سىللا خانلىقىغا قارشى كۈچلەرنى تىنچىتقان. 648-يىلى جۇڭگو تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ، ئەسكەر چىقىرىپ بىرلىكتە پېكچى دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۆتۈنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە چوڭ ئوغلى جىن فامىن، ئىككىنچى ئوغلى جىن رىنۋىنلارنى كۆپ قېتىم تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ يىلنامىسىنى قوللىنىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى، تۈزۈمىنى كىرگۈزۈپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى يولغا قويغان ھەمدە تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ كورىيە ۋە پېكچى دۆلەتلىرىنى باسقان. 654-يىلى، ئايال پادىشاھ جىندې ئۆلۈپ، مىراسخورى بولمىغانلىقتىن جىن گىڭشىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن پادىشاھ قىلىنىپ ئولتۇرغۇزۇلغان. كېيىن سىللانىڭ خان جەمەتى، جىن گو تەۋەلىكىدە ئۆتكەن ھەمدە بەيبىشەدىن تۇغۇلغان چوڭ ئوغلى خانلىققا ۋارىسلىق قىلغان، 660-يىلى جىن فامىن، جىن گىڭشىن قاتارلىقلار بىلەن سىللا قوشۇنىنى باشلاپ تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ پېكچى دۆلىتىنى يوقاتقان. 661-يىلى يەنە تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ كوگۇريوغا ھۇجۇم قىلىپ، يۈرۈش قىلىش يول ئۈستىدە كېسەل بولۇپ ئۆلگەندىن كېيىن <تەيزۇڭ ۋوليې خان> دېگەن نام بېرىلگەن.