Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەييار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇچقۇر، قاناتلىق:
زەلىلى جەئفەرى سادىقنى دەيدۇر مۇرشىدى كامىل،
كى بۇرھانى كەلامىم جەئفەرى تەييار بولغايمۇ؟
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇچىدىغان، ئۇچقاندەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتكە كىرىشىكە تەق بولۇپ تۇرغان ھالەت.
تەييارغا ھەييار. تەييار ئاشقا ئېغىز كۆپ. ھەممە ھازىر، پەقەت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىمىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
بىرەر ئىشقا ھازىرلىنىپ تۇرغان، ھازىر.
مەن خىزمىتىڭىزگە ھەر قاچان تەييار.
بوۋاي ئاتلىنىشقا تەييار تۇرغان يەتتە يىگىتكە قارىدى.
بىرەر ئىشقا مايىل، رازى بولغان.
- ئەمرلىرىگە بويسۇنۇشقا تەييارمىز، - دېدى ئىككىسى.
ھازىرلاپ، پۈتكۈزۈپ قويۇلغان، ئىشلىتىشكە بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن، تەخ قىلىپ قويۇلغان.
تەييار ئۇرۇقلۇق قوناق بولغاندىكىن جىقراق تېگىشىۋالاي دەيمەن، ئۇكام.
كۆچمە. ئۆزى ئەجىر، ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن.
تەييار گۆشنى يېگەن يولۋاس ئەمەس (ماقال).
دادام مازارغا شەيخ، مەن تەييارغا شەيخ (ماقال).