Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەھرىم رىبا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئۆسۈمنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى) ئىسلام دىنىنىڭ ئۆسۈمنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ بۇيرۇقنى مۇفەسسىرلەر <قۇرئان كەرىم> دىكى ئەھكاملارنى ئاساس قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان. <رىبا> دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <كۆپەيتىش>، <ئاشۇرۇۋېتىش> دېگەنلىك بولۇپ، كىتابتا جازانىخورلۇق، <جازانە، ئۆسۈم يېگەن ئادەملەر> (2 - سۈرىنىڭ 275 - ئايىتىدىن) ياكى <جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېيىش> (3 - سۈرىنىڭ 130 - ئايىتىدىن) كۆزدە تۇتۇلغان. كېيىن مەدىنە، كۇفە قاتارلىق جايلاردىكى مۇفەسسىرلەرنىڭ تەپسىر قىلىشى بىلەن ئىشلىمەي چىشلىگەن ياكى ئەپلەپ تۇرۇپ سوققان تاپاۋەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولدى. مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنىڭ دائىرىسى ئادەتتىكى خەلق سودىسىغا كېڭەيتىلدى. <ئاللا سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى...> (2 - سۈرىنىڭ 275 - ئايىتىدىن). بۇلار ئاساسىي پرىنسىپ قىلىنىپ، مىقدارى تەڭ بولمىغان مالغا مال تېگىشىش سودىسى ياكى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇلغان تاۋار سودىسىدا ھارام يېيىش ئامىللىرى مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇلار مەنئى قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارىلىدۇ. ھەدىسكە ئاساسەن، مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ئالتۇن، كۆمۈش، بۇغداي، ئارپا، خورما ۋە قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق ئالتە خىل تاۋارغا ماس كېلىدۇ. ئوخشىمىغان ئەھلى فىقھەلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتى پەرقلىنىدۇ. شافىئىييە ۋە ھەنبەلىيە ئىلمى ئېقىمى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ھەممە يېمەكلىكلەر سودىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ؛ مالكىيە ئىلمىي ئېقىمى بۇ بۇيرۇق ساقلاشقا بولىدىغان يېمەكلىكەر سودىسىغىلا ماس كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ ھەنەفىيە ئېقىمى ئېغىرلىق ۋە ئۇزۇنلۇق مىقدارى بويىچە سېتىلىدىغان تاۋار سودىلىرىغا تەتبىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. يېقىنقى زاماندىكى سودا - سېتىق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مەنئى قىلىش بۇيرۇقى كۈندىن - كۈنگە جانلىق ئىزاھلاندى. ئادەتتە بۇ بۇيرۇق شەخسلەر ئارىسىدىكى قەرز ئېلىش - قەرز بېرىشكە ماس كېلىدۇ. سودا كرېدىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قەرز پۇلى بۇنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، دەپ ھېسابلىنىدۇ. بىر قىسىم تەقۋادار ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۆسۈمنىڭ ھەممىسى مەنئى قىلىنىشى كېرەك، دەپ چىڭ تۇرىدۇ. ⅩⅩ ئەسىردىكى 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىپ تەھرىم رىبانى چۈشەندۈرۈش چىڭىشقا يۈزلەندى ھەمدە رىبا (ئۆسۈم) دىن ئەگىپ ئۆتۈش (مەسىلەن، سالغان مەبلەغنىڭ پايدىسىنى ئۆسۈم ئورنىغا دەسسىتىش، سودا تىجارىتى، ئىجارە توختىمى قاتارلىق پۇل ئامانەت قويۇش، قەرز بېرىش كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىش) نىڭ ھەرخىل نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، <ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى>، <ئىسلام ئۆسۈمسىز بانكىسى>، <ئىسلام سودا بانكىسى> دەپ ئاتالدى. بۇلار بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى (ئىران، پاكىستان، پارس قولتۇقىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرى) ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.