Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەھافۇت ئەل فەلاسىفە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <پەيلاسوپلاردىكى زىددىيەت> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئەرەب - ئىسلام پەلسەپە ئەسىرى بولۇپ، غەززالىنىڭ پەلسەپە، ئىلمىي تەۋھىد توغرىسىدىكى ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر 1095 - يىلى باغدادتا يېزىلغان. بۇ ئۇنىڭ <پەيلاسوپنىڭ مەقسىتى> دىن كېيىنكى يەنە بىر تەنقىدىي خاراكتېرلىك ئەسىرىدۇر. پۈتۈن ئەسەردە ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى قوغداش كۆزدە تۇتۇلۇپ، قۇرئان، ھەدىس ۋە ئەشئەرىيەنىڭ مەدرىسە پەلسەپىسى ئاساس قىلىنىپ، قەدىمكى گرېتسىيە دەۋرىدىكى پەيلاسوپلاردىن باشلاپ ئۆزى ياشاۋاتقان زامانىچە ئۆتكەن پەيلاسوپلار تەرىپىدىن خاتا ياكى <بىدئەتلىك> دەپ قارالغان 20 خىل قاراش (مەسىلەن، دۇنيانىڭ مەڭگۈلۈكلۈكى، ۋاقىت، بوشلۇق ۋە ھەرىكەتنىڭ يوقالماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر) تىزىپ چىقىلغان، ياكى ئۇلارغا رەددىيە بېرىلگەن، ياكى پەلسەپىنىڭ بەزى مەسىلىلەرنى ئىدراك بىلەن ئىسپاتلاشقا قادىر ئەمەسلىكى كۆرسىتىلگەن. جۈملىدىن ئەينى چاغدىكى پەيلاسوپلار (مەسىلەن، ئەبۇ نەسىر فرابى، ئىبن سىنا) قاتارلىقلار( نىڭ قاراشلىرىدىكى زىددىيەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ ۋە قاراشلىرىنىڭ ئىدراك بىلەن دەلىللەشكە قادىر ئەمەسلىكىنى پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىغان ھەمدە تەپسىلىي رەددىيە بەرگەن. مۇئەللىپ يۇقىرىقى پەيلاسوپلارنىڭ ۋەھىينى يېتەكچى قىلمىغانلىقىدىن، لوگىكىلىق دەلىللەرنىڭ كۈچسىز، ئۆزئارا زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە مىتافىزىكىلىق بىلىشكە ئىلاجسىز بولۇپ، ئىدراكنىڭ بىلىش داۋامىدىك رولىنى چۆكۈرۈپ، كىشىلەرنى ئىبادەتكە قىزىقتۇرۇپ، تەسەۋۋۇپچىلىققا بېرىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇنىڭ بۇ قارىشى 7 - 8 - ئەسىرلەردە ئىسپانىيە ۋە ياۋروپانىڭ خرىستىئان سىخولاستىك پەلسەپىسىگە )مەسىلەن، توماس ئاكۇيناغا( مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. ئەمما، ئىبنى رۇشىد <تەھافۇتۇل تەھافۇت> ناملىق ئەسەر يېزىپ رەددىيە بەردى. غەززالىنىڭ بۇ ئەسىرى 1927 - يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىندى.