Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەڭگە مۇخ
بىئولوگىيە
تەڭگە مۇخ ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يوپۇرماقسىمان تېنى ياپىلاق، تاسمىسىمان، كۆپ قېتىم ئىككى ئاچىماقلانغان، رەڭگى ئاچ يېشىل ياكى توق يېشىل، گىرۋىكى دولقۇنسىمان بولۇپ، يەر باغىرلاپ ئۆسىدۇ. ئۈستۈنكى يۈزىدە ئالتە بۇرجەكلىك رەتلىك تىزىلغان ھاۋا كۆنەكلىرى بولىدۇ، ھاۋا كۆنىكىنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن ئوزۇقلىنىش يىپچىلىرى تىك ئۆسىدۇ. تۆۋەنكى يۈزىدىكى توقۇلما 10 - 20 قەۋەت ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭدا بىنەپشەرەڭلىك تەڭگىچە، سىلىق ۋە ئالا - بۇلىماچ سىزىقى بولغان ئىككى خىل يالغان يىلتىز بولىدۇ. ئاتىلىق ۋە ئانىلىقى ئايرىم - ئايرىم تۈپلەردە بولىدۇ. ئاتىلىقنىڭ تېگى دۈگىلەك تەخسىسىمان، دولقۇنسىمان بولۇپ، تېيىز يېرىلىپ 7 - 8 ياپراققا بۆلۈنگەن بولىدۇ، سپېرما ئورگنى ئاتىلىق تېگىنىڭ كەينى يۈزىدە ئۆسىدۇ. ئانىلىق تېگى ياپىلاق بولۇپ، چوڭقۇر يېرىلىپ 9 - 11 دانە بارماقسىمان ياپراقنى ھاسىل قىلىدۇ، سپورا غوزىكى ئانىلىق تېگىنىڭ قورساق تەرىپىدە ئۆسىدۇ. يوپۇرماقسىمان تېنىنىڭ كەينى يۈزىنىڭ ئالدى تەرەپ ئۇچىدا ئىستاكانسىمان جىنىسسىز بىخ سپورا قاچىسى بولىدۇ. تەڭگە مۇخ جۇڭگوغا تارقالغان بولۇپ، سايە، نەم ئورۇندىكى يانتۇلۇق ۋە قىيا تاشلارنىڭ ئۈستىدە ئۆسىدۇ. غەربىي جەنۇبتىكى رايونلاردا يول ياقىسى ۋە ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ئەتراپىدىمۇ ئۆسىدۇ.