Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
鳞翅目
línchìmù
لېپىدوپتېرالار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ 401 مىڭدىن ئارتۇق تۈرلەر ئىچىدىكى پەرۋانە - كېپىنەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھاشاراتلار سىنىپىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئەترەت. يېتىلگەن قۇرتنىڭ يالماپ شورىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى ئۇزۇن نەيچىسىمان تۇمشۇقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىشلەتمىگەن ۋاقىتتا سائەتنىڭ پۇرژىنىسىغا ئوخشاش ئىچىگە يۆگىلىپ بېشىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ، گۈل شىرنىسى قاتارلىق سۇيۇق ھالەتتىكى ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرەلەيدۇ، قانىتى ئىككى جۈپ تېنى ۋە قاناتلىرىنىڭ يۈزىدە زىچ جايلاشقان تەڭگىچىلىرى ۋە تۈكچىلىرى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئۇلار مۇكەممەل ھالەت ئۆزگەرتىدۇ. لىچىنكىسىنىڭ تېنى سېلىندىر شەكلىدە، يۇمشاق، ئادەتتە <تۈكلۈك قۇرت>، يېتىلگەن قۇرتى <پەرۋانە> ياكى <كېپىنەك> دېيىلىدۇ. كېپىنەكلەر كۆپىنچە كۈندۈزى ھەرىكەتلىنىدۇ. پەرۋانىلەر بولسا، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇلار كۆپىنچە يورۇقلۇققا ئىنتىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، مەلۇم رايون ياكى دائىرە ئىچىدە ھەرىكەتلىنىشكە ئادەتلەنگەن. مەسىلەن، كۆكتات كېپىنىكى كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرگە تۇخۇم سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزى پارازىتلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تارقىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك. بەزى تۈرلىرىنىڭ بولسا، يىراق ئارىلىقلارغا پەسىل خاراكتېرلىك ئۇچۇپ كۆچۈش ئادىتى بولىدۇ، مەسىلەن، يېپىشقاق قۇرت، زور كۆپ ساندىكى تۈرلىرىنىڭ خەلق ئىگىلىكىگە بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زور. ئۇلارنىڭ يېتىلگەن قۇرتلىرى گۈل شىرنىلىرىنى ئوزۇق قىلىدۇ (بەزى تۈرلىرى ئوزۇقلانمايدۇ)، ئادەتتە زىرائەتلەرگە بىۋاسىتە زىيانكەشلىك قىلمايدۇ، بەلكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چاڭلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ لىچىنكا دەۋرى ئوزۇقلىنىش، ئۆسۈپ - يېتىلىش دەۋرى بولۇپ، چاينىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى بولىدۇ. ئۇلار ئۆسۈملۈكخور بولۇپ ئۆسۈملۈكنىڭ غولى، يوپۇرماق، مېۋە قاتارلىق ھەرخىل ئورۇنلىرىنى يەپ ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن، ئىككى تۈلىگەن يېشىل قۇرت، ئۈچ تۈلىگەن يېشىل قۇرت، يېپىشقاق قۇرت، كۆممىقوناق يېشىل قۇرتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئاساسلىق زىيانداش ھاشاراتلىرى ھېسابلىنىدۇ؛ كۆكتات كېپىنىكى كۆكتاتلارغا زىيان سالىدۇ؛ تۈكلۈك قۇرت ئورمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛ كېۋەز غوزا قۇرتى، كېۋەز يوپۇرماق يۆگىگۈچى قۇرتى كېۋەز، كەندىر قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرگە زىيان سالىدۇ؛ شال پەرۋانىسى، بۇغداي پەرۋانىسى قاتارلىقلار ساقلىنىدىغان ئاشلىقلارغا زىيان كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە موم پەرۋانىسى ھەرە باقمىچىلىقىنىڭ چوڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ. ئۆي پىلە قۇرتى، ئېمەن پىلە قۇرتى، ئابدىمىلىك پىلە قۇرتى قاتارلىقلار بولسا، ئاتاقلىق بايلىق خاراكتېرلىك ھاشاراتلار بولۇپ، مۇھىم ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
دېھقانچىلىق
鳞翅目
lín chì mùDباغۋەنچىلىك
磷翅目
lín chì mù