Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەفسىر بەيزاۋى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچىدە <ئەنۋار ئەنتەنزىل ۋە ئەسرار ئەنتەئۋىل> دېيىلىدۇ. ئىككى جىلد. سۈننىي مەزھىپىنىڭ قارىشىچە ئەڭ ياخشى، ھەدىسكە ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەپسىر كىتاب ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ئابدۇللا بىننى ئۆمەر بەيزاۋى (؟ - 1282 ياكى 1291) <كەششاف> ۋە باشقا ماتېرىياللارغا ئاساسەن يازغان. بۇ ئەسەردە <قۇرئان كەرىم> نىڭ تىل قۇرۇلمىسى تىلشۇناسلىق ۋە ئىستىلىستىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن تەپسىر قىلىنغان. <قۇرئان كەرىم> نىڭ ھەرخىل ئوقۇلۇشلىرىغا چېتىلىدۇ. بۇ ئەسەرنى 1846 -، 1848 - يىللىرى گېرمانىيىلىك ھېنرىخ لېدېرش فلېسشېر (1801 - 1888) لېيپزىگدا نەشر قىلدى. كېيىن بەزى ئىسلام دۆلەتلىرى باستى. سۈننىي مەزھىپىنىڭ مەدرىسلىرىدە دەرسلىك قىلىندى. بەيزاۋى شىرازىلىق قازى بولغاچقا، جۇڭگو بۇرۇنقى تەرجىمىسىدە <قازى> دەپ ئاتالدى. جۇڭگونىڭ ئىسلام دىنى مەدرىسلىرىدە دەرسلىكلەرنىڭ بىرى قىلىندى.