Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەدرىجىي چوڭايتىش رولى
بىئولوگىيە
بەزى گورمونلار مەسىلەن، 10-8 - 10-15 M قويۇقلۇقتىكى ئادرېنالىن نىشان ھۈجەيرىسىگە بېرىپ بىر قانچە سېكۇنتتىلا گلىكوگېن فوسفورلارنىڭ ئاكتىپلىقى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يېتىدۇ، ئۇنىڭ رېئاكسىيىسىنىڭ تېز بولۇشى، گورموننىڭ پەردە يۈزىدىكى گورمون قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بىلەن بىرىكىپ ئادېنىلىك كىسلاتاسىنى ھالقىلاشتۇرغۇچى ئېنزىمنى ئاكتىپلاشتۇرغانلىقتىن، تېزلىكتە CAMp سىنتېزلىنىش بىلەن بىللە بىر قاتار ئېنزىملىق رېئاكسىيىلەر يۈرگۈزۈلۈپ، سىگنالنىڭ تەدرىجىي چوڭايتىلغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ. CAM ئاقسىل كىنازا (فوسفورىلازاكىنازىسىنىڭ كىنازىسى) نى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ، ئاكتىپلاشقان بۇ ئاقسىل كىنازىسى فوسفورىلازاكىنازىسىنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ، كېيىنكىسى ئاكتىپلىقى تۆۋەن بولغان فوسفورىلازا b نى ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولغان فوسفورىلازا a غا ئايلاندۇرۇش بىلەن گلىكوگېننىڭ 1 - فوسفوگلۇكوزىغا قىسقىرىشىنى يۇقىرى سۈرئەتتە كاتالىزلايدۇ. ھەر قايسى دەرىجىلىك سىگناللارنىڭ پۈتكۈل رېئاكسىيە جەريانىدا تەدرىجىي چوڭايتىلغان بۇ خىل رول تەدرىجىي چوڭايتىش رولى دەپ ئاتىلىدۇ. تەدرىجىي چوڭايتىش رولىغا ئىگە بولغان ئېنزىم (<كۇۋالېنتلىق تەڭشىگۈچى ئېنزىم> غا قاراڭ) بولۇپ، بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە بىر كۇۋالېنتلىق تەڭشىگۈچى ئېنزىم مولېكۇلىسى بىر قانچە مىڭ ھاسىلات مولېكۇلىسىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى كاتالىزلايدۇ. ئەگەر بىر قانچە زەنجىرسىمان رېئاكسىيىنىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇلۇشى ئارقىلىق بولىدىغان بولسا، n دانە سانلىق مىقدار دەرىجىلىك ئاشىدۇ