Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەڭداش قىساس
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ شەرىئەت جازاسىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى بولۇپ، ئوخشاش شەكىلدىكى ھەققانىي قىساس كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭدا <قۇرئان كەرىم> ئاساس قىلىنغان. قۇرئاندا مۇنداق دېيىلگەن: <ئى مۆمىنلەر! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى. ھۆر ئادەم ئۈچۈن ھۆر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ....> (2 - سۈرىنىڭ 178 - ئايىتىدىن). قىساس ئورنىغا دىيەت ئېلىشقا بولىدۇ. بۇ قەستەن زىيان يەتكۈزۈش گۇناھىغا تەتبىق قىلىنىدۇ. ئىسلام دىنى گۈللىنىشتىن ئىلگىرى قەبىلىلەر ئارىسىدىكى قانداش تۇغقانلارنىڭ تىنماي قىساس ئېلىشىنى مەنئى قىلىش ئۈچۈن شۇنداق بەلگىلەنگەن.