Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش
ئۇنىۋېرسال
自然康复
zì rán kāng fù
پسىخولوگىيە
自然恢复
zì rán huī fù
مەلۇم خىلدىكى شەرتلىك رېفلېكس شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئەگەر كۈچەيتىش توختىتىلسا يەنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئېلىپ بېرىلسا، ئۇ چاغدا شەرتلىك رېئاكسىيە ئاستا - ئاستا ئازىيىپ ئاخىرى پۈتۈنلەي توختايدۇ، لېكىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يوقالغان شەرتلىك رېئاكسىيە كۈچەيتىلمىسىمۇ يەنە پەيدا بولىدۇ ياكى ئىلگىرىكى سەۋىيە ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇ خىل ھادىسە «تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك، شەرتلىك رېفلېكسنىڭ توختاپ قېلىشى يەنە يوقلىشى ۋاقىتلىق تورمۇزلىنىش ھادىسىسىدۇر. تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش شەرتلىك رېفلېكسنىڭ بۇ خىل تورمۇزلىنىشتىن قۇتۇلغانلىقىدۇر. ئومۇمەن ئالغاندا تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشنىڭ مىقدارى شەرتلىك رېفلېكسنىڭ يوقىلىشىدىن ئىلگىرىكى ئۆگىنىش دەرىجىسىگە ئوڭ تاناسىپ بولۇپ، يوقىلىش دەرىجىسىگە تەتۇر تاناسىپ بولىدۇ.