Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەبىئىي شەرتلىك رېفلېكس ۋە سۈنئىي شەرتلىك رېفلېكس
بىئولوگىيە
شەرتلىك رېفلېكسنىڭ تەبىئىي شەرتلىك رېفلېكس ۋە سۈنئىي شەرتلىك رېفلېكس دېگەن ناملىرى بولىدۇ. قارىئۆرۈك يەپ باققان ئادەم قارىئۆرۈكنى كۆرسىل شۆلگىيى ئاجرىلىدۇ؛ گۆش يەپ باققان ئىت گۆشنى كۆرسە ياكى گۆش ھىدىنى پۇرىسىلا شۆلگىيى ئاقىدۇ. بۇ رېفلېكس پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى تەبىئىي شەرتلىك رېفلېكس بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ تەبىئىي مۇھىت شارائىتى ئاستىدا شەكىللەنگەن. ئوزۇقلۇقنىڭ كۆرۈنۈش شەكلى ۋە پۇراق ھىدى ئوزۇقلۇقنىڭ خاس خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئوزۇقلۇق ئۆزىدىن ئايرىلمايدۇ ۋە ھايۋانلارغا دائىم ئوزۇقلۇق بىلەن بىرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوزۇقلىنىش جەريانىدا ئۇ بىر خىل سىگنالغا ئايلىنىپ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تەبىئىي شەرتلىك رېفلېكسنىڭ ھاسىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۈنئىي ئەھۋال ئاستىدا ئوزۇقلۇق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان بەزى غىدىقلاشلار (مۇناسىۋەتسىز ھەرىكەت سەۋەبى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مەسىلەن، قوڭغۇراق ئاۋازى ياكى چىراغ نۇرى قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇققا بىرلەشتۈرۈپ ھايۋانلارغا ئوخشاش ۋاقىتتا تەسىر قىلدۇرغاندا، نەچچە قېتىم ياكى نەچچە ئونقېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا يالغۇز قوڭغۇراق ئاۋازى (ياكى چىراغ نۇرى) ھايۋاننىڭ شۆلگىيىنىڭ ئاجرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. بۇنداق سۈنئىي شارائىت ئاستىدا مۇناسىۋەتسىز ھەرىكەت سەۋەبى بىلەن شەرتسىز غىدىقلاشنى (ئوزۇقلۇقنى) بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن شەرتلىك رېفلېكس سۈنئىي شەرتلىك رېفلېكس دېيىلىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتا كىشىلەر ھايۋانلارغا خىلمۇخىل سۈنئىي شەرتلىك رېفلېكسلارنى ھازىرلاپ بېرىپ ھايۋانلارنى كىشىلەرنىڭ خاھىشى بويىچە پائالىيەت قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ھايۋانلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇشقا بولىدۇ.