Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىبېرىئۇس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىن 42 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 37 ـ يىلغىچە). قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (مىلادى 14 - 37). لىۋىيە بىلەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئېرى تىبېرىئۇس كلائۇدىئۇستىن تۇغۇلغان. مىلادىدىن 38 يىل ئىلگىرى لىۋىيە ئاۋگۇستۇسقا باشقىدىن ياتلىق بولغاندا، تىبېرىئۇسنى ئاۋگۇستۇس بېقىۋالغان. ئۇ رېين دەرياسى، دوناي دەرياسى بويلىرىدا ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇشقا. مىلادىدىن 12 يىل ئىلگىرى ئاۋگۇستۇسنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىىدا، بۇرۇنقى ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ، جولىيە (ئاۋگۇستۇسنىڭ قىزى، ئاگرىپپانىڭ تۇل ئايالى) نى ئالغان. بىر مەھەل رايى قايتىپ، رودېستا بىر مەھەل تۇرغان. مىلادى 4-يىلى ئاۋگۇستۇس ئۇنى تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلىگەن؛ تەختكە چىققان چېغىدا 56 ياشقا كىرگەن. دەسلىپىدە سىناتقا مۆتىدىل پوزىتسىيىدە بولغان، ئەمما ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن؛ يېقىنلىرىدىن تەركىب تاپقان <مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى> نىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيكەن. مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنىڭ بالشىقى سېجانۇسنىڭ ئەيمىنەي زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىشىغا يول قويۇپ، كەڭ نارازلىق قوزغىغان. مىلادى 26-ىلى كامپانىيە ئەتراپىدىكى كاپرى ئارىلىغا كېتىپ، كىشىلەرگە ئارىلاشماي ئۆز مەيلىچە ياشىغان. سېجانۇسنىڭ ئاسىيلىق قىلىش نىيىتى بارلىقىنى ئۇۇپ، قاتتىق جازالىغان. ئاخىر مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باشلىقى ماكرونىڭ قولىدا ئۆلگەن.