Uyghurئاساسىي لۇغەت
تازىلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەسلىي مىلادىيە Ⅰ ئەسىر ئەتراپىدا پرسىيىنىڭ غەربىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان ئەرەب قەبىلىلىرى <تاييى> دېيىلىپ، پارس تىلىدا ئەرەبلەرنىڭ نامى بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەرەب خەلىپە ئىمپېرىيىسى <تازىلار (大食)> دەپ ئاتالدى. <كونا تاڭنامە> دە ئۇمەييە سۇلالىسى <ئاق تونلۇق تازىلار>، ئابباسىيلار سۇلالىسى <قارا تونلۇق تازىلار>، فاتىمىيە سۇلالىسى <كۆك تونلۇق تازىلار> دەپ ئاتالدى. بۇنىڭدىن باشقا، <غەرب تازىلىرى>، <شەرق تازىلىرى>، <شىمال تازىلىرى>، <جەنۇب تازىلىرى> دېگەندەك ئاتالغۇلارمۇ قوللىنىلدى. بەزى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ھىجازمۇ تازى دەپ تەرجىمە قىلىنغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارسچە سۆز بولۇپ، ئەرەبلەر شۇنداق دەپ ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسىدىن بۇيان جۇڭگولۇقلار ئەرەبلەرنى «تازىلار» دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن «ئاق تازىلار»، «قارا تازىلار»، «يېشىل تازىلار»، «شەرق تازىلىرى»، غەرب تازىلىرى، شىمال تازىلىرى، جەنۇب تازىلىرى دېگەندەك ناملار پەيدا بولدى.