Uyghurئاساسىي لۇغەت
تازاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [يەشمىسى:] ① راسا، ئىنتايىن، ناھايىتى:[مىسال:] ئۆزىنىڭ ئىززەت نەپسىگە تېگىۋاتقان مۇئامىلە ۋە گەپلەر ۋاڭنىڭ تازا ئاچچىقىنى كەلتۈردى.[يەشمىسى:] ② توپتوغرا، دەلمۇدەل، ئۇدۇلمۇئۇدۇل:[مىسال:] تازا چۈش ۋاقتى چىقتى بىر چۇقان، توختىدى بارلىق ماڭغان ھەم تۇرغان.