Uyghurئاساسىي لۇغەت
تائىپە تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي تەبىقە تۈزۈمى. سانسكرىت تىلىدا <ۋانا> دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىن يەنە <جاتى> دەپ ئاتالغان. ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن پورتۇگالىيىلىكلەر تەرىپىدىن <كستا> دەپ ئاتالغان. ئىنگلىزچە <كاستې> دېيىلگەن. بۇ سۆز ھازىر دۇنيا بويىچە قوللىنىلماقتا. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى مىڭىچى يىللارنىڭ ئالدىنقى بىر نەچچە ئەسىرلىرىدە ھىندى - ئارىيانلارئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن قۇللۇق تۈزۈم دۆلىتىگە ئۆتۈش جەريانىدا تۆت چوڭ تائىپە (ۋارنا) بارلىققا كەلگەن. بىرىنچى تائىپە براخمان، يەنى كاھىنلار تەبىقىسى. ئىككىنچى تائىپە كىساتىرىيا، يەنى ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسى. بۇ ئىككى تەبىقىدىكىلەر نەزىر - چىراغ، ھەربىي ۋە مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقنى چاڭگىلىغان كىرگۈزۈۋېلىپ، ھۆكۈمرانلىق سىنىپ بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۈچىنچى تائىپە ۋايسىيا، يەنى ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاددىي پۇقرالار تەبىقىسى. يۇقىرىقى ئۈچ تائىپە ھىندى - ئارىيانلارغا تەۋە بولغان. تۆتىنچى تائىپە سودرا، يەنى ئاساسەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق قاتارلىق ھەرخىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بولۇپ، كۆپىنچىسى ھىندى - ئارىيانلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان يەرلىك خەلقلەر بولغان. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىمىلرى قۇل بولغان. ھەر قايسى تائىپىلەر (ھېچ بولمىغاندا نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا) ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ئورنىغا ئەۋلادتىن - ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ مەڭگۈ ئۆزگەرمىگەن. تائىپە ئىچىدە نىكاھلىنىش، تائىپىلەر ئۆزئارا ئارىلاشماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى نۇقتا تائىپە تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۆت تائىپىنىڭ قانۇنىي ئورنىمۇ باراۋەر بولمىغان؛ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەلىرىدە قاتتىق پەرقلەندۈرۈلگەن، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئۈچ تەبىقە بىلەن سودرا تەبىقىسى ئوتتۇرىسىدىكى چەك ئىنتايىن قاتتىق (ھەتتا بىللە ئولتۇرۇشقا، بىرلىكتە تاماق يېيىشكىمۇ بولمايتتى) بولغان. تائىپە (تەبىقە) تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىنى سىنپىي جەمئىيەت بارلىققا كېلىش مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەمما ھىندىستاندا بۇ خىل تۈزۈمىنىڭ ئىپادىلىنىشى تولىمۇ تىپىك خفراكترگە ئىگە بولغان. ئىجتىمائىي ئەمەەك ئىش تەقسىماتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەقىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سودرا بىلەن ۋايسىيا ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەرخىل گۇرۇھلار پەيدا بولغان. تاغلىق ئورمانلىقلاردىكى بىر قىسىم قالاق قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ تائىپە تۈزۈمىنىڭ تەسىرى بىلەن تائىپە خسۇسىيىتىگە ئىگە مۇستەقىل گۇرۇھلار شەكىللەنگەن. نەتىجىدە تائىپە كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ، تائىپە تۈزۈمىمۇ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن. <مانو قانۇنى> دا 50 تىن ئارتۇق تائىپە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئورنى يۇقىرى، بەزىلىرىنىڭ تۆۋەن بولغان. ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسمى ئېزىلگۈچى تەبىقىلەردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي ئورنى ئەڭ تۆۋەن، ئەڭ قاتتىك كەسمىتىلىدىغانلار كاندىرالار بولۇپ، بۇلار ئارلىشىشقا بولمايدىغان. بىر خىل <پەسلەر> دەپ قارالغان. ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ، تائىپىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، بۇرۇنقى تۆت ۋارنانىڭ ئايرىلىشى بارا - بارا ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقان. تائىپە تۈزۈمى بىلەن براخمان ددىنى (كېيىن ھىندى دىنى دەپ ئاتالغان) ئۆزئارا بىرلىشىپ، ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا نىسبەتەن پاسسىپ رول ئوينىغان. ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، گەرچە نامدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە يەنىلا زور تەسىرگە ئىگە