Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تاخود ەرياسى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر塔霍河
tǎ huò hé
ياۋروپادىكى ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا. ئۇنىڭ باش مەنبەسى ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئالبارراسىن تېغىدىن باشلىنىپ، غەربكە قاراپ ئېقىپ پورتۇگالىيىگە كىرىپ تې خو دەپ ئاتىلىدۇ، لىسسابون ئەتراپىدا ئاتلانتىك ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1100 كىلومېتر كېلىدۇ، تارماقلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېتار دەرياسى، ئالاگون دەريالىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. پورتۇگالىيە چېگرىسى ئىچىدە زېزېرى دەرياسى بار. كۆلىمى 81 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. دەريانىڭ ئېقىنى تېز، سۇغىرىش، ئېلېكتر قۇۋۋىتى ئېلىش ئىشلىرىدا پايدىلىنىدۇ. دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى 200 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتىكى قىسمىدىلا قاتناش ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىلىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.