Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاۋۇش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
توخۇ:
مۇرغ، تاۋۇقتەك ئېرۇرمەن چۈن سېنىڭ ئىشقىڭدا كىم،
بۇ غەرەزدىن تەلپىنۇرمەن ئاي يۈزۈڭدە دان كۆرۈپ.
موللا بىلال.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ھىس - تۇيغۇ؛تىۋىش، شەپە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنىڭ تەۋرىنىشىدىن چىققان دولقۇننىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئارقىلىق پەيدا قىلغان تەسىرى.
تىنىقى يوقنىڭ ئۈنى يوق. تىل تاۋۇشلىرى - تىلنىڭ ئاۋاز قىسمى، ئۇ تىلنىڭ ماددىي پوستى ھېسابلىنىدۇ. ئەسكى چاقنىڭ ئاۋازى ھەممىدىن قاتتىق چىقىدۇ. خەلقنىڭ ساداسى - تەڭرىنىڭ ساداسى. بۇ گۈمبەز ئاستىدا ياڭرات خۇش سادا، نېمىنى دېسەڭ ئۇ قايتۇرار ساڭا. شۇ ئان تاغدىن <كىمسەن> دېگەن نىدا كەپتۇ. سەس چىققاندا سەل تىتىرىگەنىدى. قاتتىق قارىغاي سۇرىنى ھەربىر قارىغايدىن چىققان. بىر قوڭغۇراق كۆپەيسە، شاۋقۇن كۆپىيەر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھېس - تۇيغۇ؛ تىۋىش، شەپە.
1 - 476
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاۋۇش، تىۋىش، شەپە.
بۇنىڭ « تاۋىش» شەكلىمۇ بار.
3 - 226
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<فىز> مېخانىكىلىق تەۋرىنىشلەر نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدىغان دولقۇننىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىگە تەسىر قىلىشى ئارقىسىدا پەيدا بولىدىغان ھەر خىل ئاۋاز؛ سادا.
ئاياغ تاۋۇشى. تاۋۇش چىقارماق.
<تىل> تەلەپپۇزدا، سۆزنىڭ ئەڭ كىچىك ئېلېمېنتى.
جاراڭلىق تاۋۇش. قوۋۇز تاۋۇشى.