Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
塔斯曼
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
tǎ sī màn
تاسمان
دۇنيا تارىخى
تاسمان
(1603 - 1659). گوللاندىيىلىك دېڭىزچى. شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1639-يىلى شىمالىي تىنچ ئوكياننى چارلاپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلىپ، ياپونىيە، سۇماترا قاتارلىق جايلارغا بارغان. 1642-يىلى گوللاندىيىگە قاراشلىق شەرقىي ھىندىستاننى باش ۋالىيىسى ۋان دېمېن (1593 - 1945) نىڭ بۇيرۇقى بويىچە، نامەلۇم <جەنۇبىي چوڭ قۇرۇقلۇق> نى ئىزدەپ، ئالتۇن - كۈمۈش تېپىش ئۈمىدى بىلەن يىراققا سەپەر قىلىپ، تاسمانىيە ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا بارغان ۋە ئۇنىڭغا ۋان دېمېن يېرى دەپ نام قويغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يېڭى زېللاندىيىنىڭ جەنۇبىي ئارىلىنى <تاپقان>. يېڭى گوللاندىيە (يەنى ئاۋسترالىيە) نى غايەت زور جەنۇبىي چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىغان. 1644-يىلى ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغىقىنى چارلاپ تەكشۈرگەن. 1694-يىلى ئەنگلىيىدە تاسماننىڭ چارلاپ تەكشۈرگەن. 1694-يىلى ئەنگلىيىدە تاسماننىڭ تاسمانىيە ئارىلىنى ۋە يېڭى زېللاندىيىنى <تېپىش> دېڭىز سەپىرىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان.