Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاشپاقا كېمە
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەربىي كېمە. 1591-يىلى (شۈەنزۇڭنىڭ 24-يىلى) سىللا سول يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيە باسقان بېگى لى شۇنچېن ئەسلىدىكى تاشپاقا كېمىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ چىققان. دۈشمەن تەرەپنىڭ توپ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېمىنىڭ ئۈستى قېلىن ياغاچ قاپقان بىلەن يېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى خۇددى تاشپاقىنىڭ دۈمبىسىگە ئوخشاش بولغانلىقى، كېمىنىڭ ئۈستى قېلىن ياغاچ قاپقاق بىلەن يېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى خۇددى تاشپاقىنىڭ دۈمبسىگە ئوخشاش بولغانلىقى، كېمىنىڭ باش تەرىپىگە ئەجدىھانىڭ بېشى ئورنىتىلغانلىى، كېمىنىڭ قۇيرۇقىغا تاشپاقىنىڭ قۇيرۇقى ئورنىتىلغانلىقى ئۈچن تاشپاقا كېمە دەپ ئاتالغان. قاپقىنىڭ ئۈستىدە تۆت تەرەپكە ئۆتۈشىدىغان يول بولغاندىن سىرت، كېمىنىڭ ھەممە تەرىپىگە قىسقا ئۇچلۇق نەيزە ئورنىتىلغاچقا دۈشمەنلەر كېمىگە چىقىشقا پېتىنالمايتتى. كېمە كايۇتىسى گۈمبەزسىمان بولۇپ، ئەسكەر ۋە ماتروسلار ئازاد ھەرىكەت قىلالىغان. كېمىنىڭ ئوڭ، سول ئىككى تەرىپىدە ئالتىدىن زەمبىرەك ئېتىش ئېغىزى بولغان. كېمىنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇق قىسمىغىمۇ يوشۇرۇن زەمبىرەك ئېتىش ئېغىزلىرى قويۇلغان. لى شۇنچېن چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تاشپقا كېمىلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ، ياپونىيىنڭ توتېتومى خېدىيۇشى باشچىلىقىدىكى تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى بىلەن دېڭىز ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، كۈچلۈك دۈشمەننى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان ۋە شانلىق جەڭ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ياپونىيە ئارمىيىسى بۇ كېمىنى قارىغۇ كېمە دەپ ئاتاشقان. كېيىچە بىرنەچچە قېتىم ياخشىلاش ئارقىلىق چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تېىپتىكى كېمىلەرنى ياساپ چىقىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى دېڭىز ئارمىيە بازىلىرىغا سەپلەپ بەرگەن.