Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاشچېچەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تاش + چېچەك
بوتانىكا
قورام تاشلارنىڭ ئۈستىگە يېپىشىپ ئۆسىدىغان، يالغان يىلتىزلىق، شەكلى پلاستىنكىغا ئوخشايدىغان ۋە ئۈستىدە ئېگىز - پەس قالايمىقان پۈرمە قورۇقلىرى بولغان بىر خىل ئۆسۈملۈك. بۇ خل ئۆسۈملۈكنىڭ ھەممە يېرى دورا قىلىنىدۇ، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئىسسىققا مايىل، زەھەرسىز؛ قاننى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. مەنىينى كۆپەيتىدۇ، ئاجىزلىقنى تۈگىتىپ، پەي ۋە سۆڭەكلەرنى كەچلەندۈرىدۇ، تۈگۈنلەرنى يېشىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
مۇخ ئۆسۈملۈكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئېگىز تاغلاردا ئۆسىدىغان بىر خىل دورىلىق ئۆسۈملۈك.