Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاس
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
داس، تەلەڭگە؛ تاز، بېشىدا چېچى يوق (بۇ سۆزلەر<تاس> شەكىللىرىدە يېزىلىدۇ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشىگە بېرىپ تاقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
غىڭ قىلمايدۇ، ئۆزى چىقىمغا پاتقاندا، تاس قالىدۇ ئۆلگىلى بىرى ئولجا تاپقاندا، ماشىنىمىز ئۇنىڭ ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى. خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بېرىشكە تاس - تاماس قالدى. يىقىلىشقا ئاز قالدىم.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يامان، پەس نەرسە.
بۇ ئات تاس تەگۈل _ بۇ ئات يامان ئەمەس.
ئوغۇزچە.
1 - 430
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
جۈملىدە مەلۇم ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئەمەلگە ئاشاي دەپ، ئەمەلگە ئاشماي قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
سىزنىڭ كېلىشىڭىزدىن خەۋىرىم بولمىغاچقا، تاس كېتىپ قالىدىكەنمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
بىر نەرسىنىڭ يەنە بىر نەرسىگە ئۇرۇلۇش ياكى بىر نەرسىنىڭ ئۈزۈلۈشىدىن پەيدا بولغان ئاۋاز.
دۇتارنىڭ تارىسى <تاس> قىلىپ ئۈزۈلۈپ كەتتى.