Uyghurئاساسىي لۇغەت
تارىخ ئەل تەبەرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<تارىخ ئەل رۇسۇل ۋە ئەل مۈلۈك> مۇ دېيىلىدۇ.بۇ ئەرەب تارىخىغا دائىر 12 جىلدلىق مەشھۇر ئەسەر بولۇپ، ئەل تەبەرى يازغان. ئەسەردە دۇنيانىڭ يارىتىلىشىدىن 915 - يىلىغىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان. مۇئەللىپ ئىلىمگە ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ، مەلۇم تارىخىي ۋەقە توغرىسىدىكى بىرنەچچە رىۋايەتنى بىر - بىرلەپ تىزىپ چىققان ھەمدە ئورۇنلۇق رىۋايەتلەرنىڭ ئىسنادىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ كىتابتا تارىخىي چىنلىقنىڭ توغرا بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن. ۋەقەلەر پەيدا بولغان سەۋەب - نەتىجىلەر، ئەينى زاماندىك ئىجتىمائىي ئەھۋاللار، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ بايان قىلىنىشى سەل كەم بولغان. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى مول، ماتېرىياللىرى راست بولغاچقا، ئۆتكەن تارىخچىلار ئۇنىڭدىن پايدىلانغان ۋە نەقىل كەلتۈرگەن. پرسىيىلىك تارىخشۇناس ئەبۇ ئەلى مۇھەممەد بىننى ئەبۇ فازى بالئەمى (؟ - 974) ئۇنى 963 - يىلى پارسچىغا تەرجىمە قىلغان.