Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تارىخشۇناسلىق
دۇنيا تارىخى
史学
shǐ xué
ئىنسانلار جەمئىيىتىنڭ تەرەققىيات جەريانىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە چۈشۈرۈپ بېرىدىغان پەن. ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتى، مەملىكەتلەر، رايونلار ۋەمىللەتلەرنىڭ تارىخى ھەققىدە ئومۇملاشتۇرۇپ، دەۋرلەرگە بۆلۈپ ياكى تۈرلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ھەمدە تارىخشۇناسلىقنىڭ ئومۇمىي قائىدىلىرى بىلەن ئۇسۇللىرىنى شەرھلەپ بېرىدىغان تارىخشۇناسلىق ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە ئىلمىنى، تارىخشۇناسلىقنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئىزدىنىدىغان تارىخشۇناسلىق تارىخى ئىلمىنى، تارىخىي مەنبەلەر ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مەنبەشۇناسلىق ئىلمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەدىمكى دەۋرلەردىلا تارىخىي ۋەقلەرنى خاتىرىلەش ۋە تارىخ يېزىش، تۈزۈش ئىشى بارلىققا كەلگەنىدى. تارىختا ھەرقايسى مەملىكەت ۋە ھەرقايسى مىللەتلەردىن نۇرغۇنلىغان تارىخشۇناسلار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ھەرخىل تارىخىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، زور مىقداردىكى تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاپ، تارىخشۇناسلىق نەزەرىيىلىرى ۋە تارىخ يېزىش ئۇسۇللىرىنى بايان قىلىپ، ئىنسانلار ئۈچۈن قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرغان.سىنىپىي جەمئىيەتتىكى تارىخشۇناسلىقتا روشەن سىنىپىيلىك بولىدۇ، ماركسىزمدىن ئىلگىرىكى ھەر خىل تارىخشۇناسلىق، دەۋر ۋە سىنىپىي چەكلىمىلىك تۈپەيلىدىن، ماھىيەت جەھەتتە ئومۇمەن ئەزگۈچى سىنىپلار مەنپەئىتىگە بېقىنغان بولۇپ، ئۇلاردا ئىككى تۈپ ئاجىزلىق بار ئىدى: بىرىنچى، پەقەت ئىنسانلار تارىخىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئىدىيىۋى مۇددىئاسىنى تەكشۈرۈش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، بۇ خىل ئىدىيىۋى مۇددىئانى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنى تەتقىق قىلمىغان، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى تونۇپ يەتمىگەن؛ ئىككىنچى، تارىخىي تەرەققىياتنى خان - پادىشاھ، ۋەزىر - لەشكەر بېشى، باتۇر قەھرىمانلارنىڭ پائالىيىتىگە، تاجاۋۇزچىلار بىلەن بويسۇندۇرۇغۇچىلارنىڭ ئىش - ھەرىكىتىگە باغلاپ قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تارىخنى يارىتىشتىكى رولىنى ئېتىراپ قىلىمىغان. شۇڭلاشقا ئۇ تارىخىي ئىدېئالىزملىق خاراكتېردە بولۇپ، ھەقىقىي تارىخ ئىلمى ئەمەس. ماركس بىلەن ئېنگېلس دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى يارىتپ ھەمدە ئۇنى تارىخنى تەھلىل قىلىش ۋە شەرھلەشكە تەتبىقلىغان. <يەنى تارىخنى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە زىددىيەت بىلەن تولغان، لېكىن يەنىلا قانۇنىيەتلىك بولغان بىر پۈتۈن جەريان تەرىقىسىدە تەتقىق قىلدى> (ماركس - ئېنگېلس ئەسەرلىرى<، 1-توم، 20-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى). شۇنىڭدىن كېيىنلا تارىخشۇناسلىق بىرىنچى قېتىم پەن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. >تارىخ ئىلمى< گە قاراڭ.
دۇنيا تارىخى
历史学
lì shǐ xué
>تارىخ<، >تارىخ ئىلمى< گە قاراڭ.
ئۇنىۋېرسال,مائارىپ,تارىخ
史学
shǐ xuéDمائارىپ
历史学
lì shǐ xuéDتارىخ
历史编纂学
lì shǐ biān zuǎn xué
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
史学
shǐ xué