Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تارىخىي ماتېرىيال
دائىرە: دۇنيا تارىخى史科
shǐ kē
تارىخنى تەتقىق قىلىش، شەرھلەش ۋە تۈزۈشتە پايدىلىنىلىدىغان ماتېرىياللار. بۇلارنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئاساسلىق مەنبەسى: ئاغزاكى ئەسەرلەر (مەسىلەن، رىۋايەتلەر، ناخشا - قوشاقلار)، ماددىي نەرسىلەر (مەسىلەن، ئارخېئولوگىيىلىك ئىزلار، خارابىلەر، قالدۇقلار) ۋە يازمىلار (مەسىلەن، مەڭگۈ تاش - ئويمىلار، ئارخىپ ھۆججەتلىرى، ئەسەرلەر) دىن ئىبارەت بولۇپ، تارىخ كىتابلىرى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق تەركىبىي قىسىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەربىر دەۋر بەلگىلىك تىپىك خاراكتېرگە ئىگە ماتېرىيال ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ، بۇ ئاشۇ دەۋرنىڭ ئىجتىماىي - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى، سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئاڭ فورماتسىيىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. تارىخىي مەنبەلەرنى توپلاش، ساقلاش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەرتىپكە سېلىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش خىزمىتى تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە كىرىدۇ.
مائارىپ,ئۇنىۋېرسال
史料
shǐ liào
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.