Uyghurئاساسىي لۇغەت
تارقىلىش ۋە توپلىنىش
پسىخولوگىيە
نېرۋا جەريانى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىدىن بىرى، بۇ يەنە كېڭىيىش ۋە يىغىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قوزغىلىش بىلەن تورمۇزلىنىش ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزى پەيدا بولغان نۇقتىدا (ياكى رايوندا) توختاپ قالمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى پوستلاق رايونغا تارقىلىدۇ. ئۇلار تارقالغان قىسىملاردىمۇ ئوخشاش نېرۋا جەريانىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەنە شۇ خىل ھادىسە تارقىلىش (ئىررادىئاتسىيە) دەپ ئاتىلىدۇ. نېرۋا جەريانى باشتا تارقىلىپ، كېيىن يەنە دەسلەپ پەيدا بولغان نۇقتىغا (ياكى رايونغا) يىغىلىدۇ. بۇ خىل ھادىسە توپلىنىش (كونسىتراتسىيە) دەپ ئاتىلىدۇ. نېرۋا جەريانى تارقالغان رايوندىكى نېرۋا جەريانى كۈچى ئۇ جەريان دەسلەپ پەيدا بولغان نۇقتا (ياكى رايون) دىن قانچە يىراق بولسا، شۇنچە ئاجىز بولىدۇ. تارقىلىشىنىڭ دائىرىسى بىلەن، تارقىلىش، توپىلىنىشنىڭ تېزلىكى تۆۋەندىكى نېرۋا جەريانلىرىنىڭ كۈچى ۋە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ فونكسئونال ھالىتى ۋە يەنە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى ئىككى خىل ئاساسىي نېرۋا جەريانىنىڭ كۈچى جەھەتتىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى قاتارلىق شەرتلەرگە باغلىق. شەرتلىك رېفلېكس پائالىيىتى قانچە مۇستەھكەم بولسا، ئۇنىڭغا ماس ھالدىكى مەركەزنىڭ نېرۋا جەريانىنىڭ تارقىلىش بىلەن توپلىنىش دائىرىسى شۇنچە كىچىك بولىدۇ ۋە شۇنچە توپلىنىشقا مايىل بولىدۇ.
تۈرلۈك تورمۇزلىنىش جەريانلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا تارقىلىش بىلەن تورمۇزلىنىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن : ئادەم ئويغاقلىقتىن تەدرىجىي ھالدا ئۇخلاپ قالىدۇ. ئۇيقۇدىن تەدرىجىي ھالدا ئويغان ھالەتكە كېلىدۇ. قوزغىلىش جەريانىمۇ تارقىلىپ يەنە توپلىنىدۇ. مەسىلەن : غىدىقلىنىشنىڭ كېڭىيىش ھادىسىسى بىلەن دىففېرىنسىيلىنىشنىڭ شەكىللىنىش جەريانى تارقىلىش بىلەن توپلىنىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.