Uyghurئاساسىي لۇغەت
تارقاق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئارىلىق زىچ ئەمەس، ئورۇن چوڭ، سان ئاز ھالەت. شالاڭ قوناق
قويۇق ، قېلىن، زىچ
ئارىلىق زىچ، ئورۇن كىچىك سانجىق ھالەت. قويۇق قوناق
شالاڭ ئاش باش كۆرسىتىدۇ. قويۇق ئاش چەش. شالاڭ چاچقاندىن قويۇق چاچقان يامان. شالاڭ زىرائەت ئاتقا مىندۈرەر، قېلىن زىرائەت قىرغا. قېلىن تۇمان - بۆرىنىڭ توپى. تارقاق قوناقنىڭ بېشى چوڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئايرىم - ئايرىم چېچىلغان، بىر - بىرىدىن يىراق؛ بىرى ئۇ يەردە، بىرى بۇ يەردە.
تاغ ئاستىدىكى بۇ كىچىككىنە يېزىنىڭ تارقاق مەھەللىلىرى قار بىلەن چۈمكەلگەن ئىدى.
چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرى بەكمۇ تارقاق كېلىدۇ.
كۆچمە. ئۆملەشمىگەن، چېچىلاڭغۇ، ئۇيۇشمىغان.
بىزنىڭ سانىمىز ناھايىتى كۆپ، ئەمما بەكمۇ تارقاق بولۇپ قالدۇق.