Uyghurئاساسىي لۇغەت
تارىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① توپتىن ئايرىلماق؛ چېچىلماق، تارقىماق:[مىسال:] مەشرەپتىن يانغان كىشىلەر ئۆي-ئۆيلىرىگە تارىماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ② يېيىلماق، كېڭەيمەك، تارقالماق:[مىسال:] ئىشخانا ئىچىگە توخۇ گۆشى پۇرىقى تارىدى.[يەشمىسى:] ③ سىڭىشىپ كەتمەك، يوقالماق:[مىسال:] ئۇنىڭ مەسلىكىمۇ تاراپ، كاللىسى نورمال ئىشلەشكە باشلىدى.