Uyghurئاساسىي لۇغەت
تارلې
دۇنيا تارىخى
(1875 - 1955) سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخشۇناسى. 1896-يىلى كيبۋ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن پېتېربۇرگ، يورىيبۋ، لېنىنگراد ۋە موسكۋا داشۆلىرىنىڭ پروفېسورى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە فاشىست تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىنى تەكشۈرىدىغان دۆلەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى تىنچلىقنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. فرانسىيە تارىخى، خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى، روسىيىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى تارىخى قاتارلىق نۇرغۇن تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى <فرانسىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئىشچىلار سىنىپى>، <چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش>، <ناپولېئون>، <قىرىم ئۇرۇشى>، <روسىيە دېڭىز فلوتى ۋە پېتېر Ⅰ نىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.