Uyghurئاساسىي لۇغەت
تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
پېداگوگىكا مائارىپى
پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مىللىي، خەنزۇ بىرلەشمە مەكتەپ، خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، موڭغۇل،
شىبە، داغۇر، رۇس، تاتار، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق كۆپ مىللەتلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان.
بۇ مەكتەپ 1964 - يىلى قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 123210 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 28000 كۋادرات مېتىر. خەنزۇچە
قازاقچە ئىككى تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپ 1993 - يىلى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىنىڭ
ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى بىرلەشمە تەكشۈرۈشتە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ، <چېگرا گۈلى>
دەپ تەرىپىلەنگەن. ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن مەنىۋى مەدەنىيەتلىك ئىلغار ئورۇن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن ناملارغا
ئېرىشكەن.
1999 - يىلى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر 143 نەپەر، كەسپىي ئوقۇتقۇچى 101 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك لېكتور 12 نەپەر. ئوقۇتۇش
سىنىپىدىن 25 بار. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 1000 دىن ئارتۇق. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 10 مىڭ نەپەردىن كۆپ.