Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاران
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن تېنى زەھەرلىك بولۇپ، ئات - ئۇلاغلار يەپ سالسا، زەھەرلىنىپ تەلۋە بولۇپ قالىدۇ. دورىغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەست قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش رولى بار. <تەلۋە بېدە> مۇ دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. خامراق تولانغان شوينا، يىپ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تارالغان، تاللانغان، سەر خىل. ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەشىنچى قاغانى ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش بىلگە قاغان (789 - 079) نىڭ ئىسىمى.