Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاققا تۇققا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
«تاققا - تۇققا»بالىلار ئويۇنى. بۇ ئويۇندا بالىلار پۇتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىر - بىرىگە تىرەپ ئولتۇرىدۇ. «تاققا - تۇققا قوشىقى» نى ھەر بىر پۇتقا سۆزمۇ - سۆز تاقاپ ئېيتىدۇ. «چىق» قا توغرا كەلگەنلەر ئازاد بولۇپ، پۇتىنى تارتىۋالىدۇ، ئاخىرىداچىقماي قالغان پۇتنىڭ ئىگىسى «جازا» غا تارتىلىپ، ناخشا ئېيتىپ ياكى ئۇسسۇل ئويناپ بېرىدۇ. «تاققا - تۇققا قوشىقى» مۇنۇ:
تاققا - تۇققا، زەنجىر - ھالقا، سەن تۇرۇپ، سەن چىق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
سۆزى تۇتۇرۇقسىز، گېپىنىڭ تايىنى يوق.
ئۇ _ تاققا - تۇققا گەپ قىلىدىغان كىشى. * قوي، ئۇنداق تاققا - تۇققا سۆزلىرىڭنى!
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئېگىز - پەس، رەتسىز، قالايمىقان، جايىدا ئەمەس.
ئۇ دادىسىنىڭ سوئالىغا تاققا - تۇققا جاۋاب بەردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بالىلار ئويۇنىنىڭ بىر تۈرى. بىر نەچچە بالا پۇتلىرىنى بىر - بىرىگە تىرەپ ئولتۇرۇپ، تاققا - تۇققا، زەنجىر - ھالقا... دەپ ئوينايدۇ.