Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاقىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسىنى باشقا بىر نەرسىگە ئىلمەك، ئاسماق.
ئەلنى كېلىشتۈرگۈچى _ چاپانغا تۈگمە تاقىغۇچى. نەمۇنىچىلەرنىڭ كۆكسىگە گۈل تاقىدۇق. مەيدەڭگە قادىغان مېدال خىزمىتىڭ ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپات، زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىشقا بېرىلگەن ئىجازەت ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئەتمەك، بېكىتمەك.
دەرۋازىنى تاقىماق.
مېدال، گۈل ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەرنى تىكىپ ياكى باغلاپ ئورناتماق.
گۈل تاقىماق. مېدال تاقىماق. گالستۇك تاقىماق.
ياپماق، قاپلىماق، ئورىماق.
ماسكا تاقىماق. كۆزەينەك تاقىماق.
تىركەلمەك، تىرىمەك.
تۇرسۇن مەيدىسىنى پارتىغا تاقاپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ھېساب ئىشلەۋاتاتتى.
توختاتماق، ياپماق، ئەتمەك.
ئۇلار كۈن قايرىلىش بىلەن تەڭ ھەممە ئىشنى خۇلاسىلىشىپ ئاشخانىنى تاقايتتى.
يەتمەك، توشماق، ئۇلاشماق.
ئايخاننىڭ كەنجى ئوغلى ناسىر ھازىر 25 ياشقا تاقاپ قالغانىدى.
ئارتماق، ئىتتىرىپ قويماق.
ئەخمەت ھەممە پاراڭنى ئەگىتىپ كېلىپ يالقۇننىڭ ئۆزىگە تاقاپ قويۇپ قاقاقلاپ كۈلەتتى.