Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاق ھەسسىلىك تەنچە
بىئولوگىيە
تاق خروموسوما گۇرۇپپىسغا ئىگە بولغان ھۈجەيرە ياكى ئىندىۋىدلار بولۇپ، n بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ۋىرۇس ۋە باكتېرىيىلەر بىر تال گېن بەلبېغىغا ئىگە بولغان تاق ھەسسىلىك تەنچىدۇر. تۆۋەن دەرىجىلىك ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلار. مەسىلەن، خلامىدومونادا، سترېپتومىتسىن زەمبۇرۇغى قاتارلىقلارنىڭ ئوزۇقلاندۇرغۇچى ھۈجەيرىلىرى تاق خروموسوما گۇرۇپپىسىغا ئىگە بولغان يەككە ھەسسىلىك تەنچە. ئىككى ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە بولغان جانلىقلاردا بەزى ئىندىۋىدلارنىڭ يەككە ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە تەن ھۈجەيرىسى بولىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ، بۇ كۆپىنچە ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇمنىڭ ئۆزلۈكىدىن ياكى ئىندۇكسىيىلىنىپ، تاق جىنىسلىق كۆپىيىپ يېتىلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسى قاتارلىق پەردە قاناتلىق ھاشاراتلارنىڭ ئەركىكى. بۇئىندىۋىدلار <بىر ئاساسلىق تاق ھەسسىلىك تەنچە> دەپ ئاتىلىپ، كۆپ ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە تۈرلەردىن ھاسىل بولغان <كۆپ ئاساسلىق تاق ھەسسىلىك تەنچە> دېيىلىدىغان ئىندىۋىدلاردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 60 - 70 - يىللاردىن بۇيان، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چاڭدېنىنى ۋە چاڭلانمىغان ئۇرۇقدېنىنى ئۆستۈرۈپ ئىندۇكسىيىلەپ، يەككە ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە ئۆسۈملۈك تۈپلىرىنى ھاسىل قىلىش بىلەن يەككە ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە تۈرلەرنى يېتىشتۈرۈش ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ يېڭى بىر خىل يولى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، تېزلىكتە ساپ تۈرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.