Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
逃离部队罪
قانۇن
táo lí bù duì zuì
قىسىمدىن قېچىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
قىسىمدىن قېچىش جىنايىتى
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ قىسىمدىن قاچقان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ھەربىي قىسىمدىن قاچقان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملار (ھەربىيلەر) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
435 - ماددا ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ قىسىمدىن قاچقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.