Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تانزىمات
دۇنيا تارىخى
唐吉马特
táng jí mǎ tè
تۈركچە Tanzimat نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مەنىسى يېڭىلاش ياكى ئىسلاھ قىلىش، دېگەن سۆز. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمران گۇرۇھى ئىچىدكى ئىسلاھاتچىلار ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يولغا قويغان يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەربابى مۇستاپا راشىد پاشا (1799 - ياكى 2180 - 1858). ئىسلاھات ھەرىكىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 31 يىل -1839 - 1870( داۋام قىلغان. بۇ مەزگىلدە، ئاساسەن سۇلتان جاكارلىغان ئىككى يارلىققا، يەنى 1839 - يىلىدىكى <خان بېغى يارلىقى> ۋە 1856 - ىلدىكى يارلىققا ئاساسەن، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان. ئۇ تۈركىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ قىسمەن تەلەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئەدلىيە، مەدەنىيەت - مائارىپ ۋە تاشقى ئىشلار جەھەتلىرىدە مەلۇم نەتىجىگە ئىگە بولغان، ئىمپېرىيىگە يېڭى تۈس كىرگۈزگەن، لېكىن فېئوداللىق ئىقتىسادىي بازىسقا چېقىلالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئاخىر مەغلۇپ بولغان.