Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
檀君
دۇنيا تارىخى
تەنجۇن
تولۇق ئاتىلىشى تەنجۇن ۋاڭ جيەن. ئەپسانىدىكى قەدىمكى چاۋشىيەننى دۆلەت قۇرغۇچىسىنىڭ نامى. تەنجۇن ھەققىدىكى رىۋايەت <قەدىمكى خاتىرە> ۋە <ۋېينامە> دىن كەلگەن، لېكىن بۇ ئىككى كىتاب يوقىلىپ كەتكەچكە كىتابنىڭ يېزىلغان ۋاقتى نامەلۇم. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كورىيىلىك راھىب يېرەن <ئۈچ دۆلەتكە دائىر ئىشلار> 1-تومىنىڭ قەدىمكى چاۋشيەن دېگەن بابىدا نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: قەدىمكى زاماندا ئاسمان ئىلاھى خۇەن يىننىڭ ئوغلى خۇەن شيۇڭ پانىي دۇنياغا ئىنتىلىپ، ئالەمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپتۇ، خۇەن يىن ئۇنىڭغا تىلتۇمار بېرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تەيبۇشەن تېغىدىكى ئىلاھىي سەندەل دەرىخى يېنىغا چۈشۈپتۇ، قىزغا ئايلانغان ئېيىق بىلەن توي قىلىپتۇ، ئېيىق قىز ھامىلىدار بولۇپ، ئوغۇل تۇغۇپتۇ، ئۇنىڭغا تەنجۇن ۋاڭجيەن دەپ ناما قويۇپتۇ، جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسىدىكى ياۋشۇن تەختكە چىققاندىن كېيىنكى 50 -يىلدا پىخنىيان شەھىرىنى پايتەخت قىپتۇ. دۆلەت نامىنى چاۋشيەن دەپ ئاتاپتۇ، كېيىن پايتەختنى بەييۇ تېغىدىكى ئاسىداغا كۆچۈرۈپتۇ. تەختتە 1500-يىل تۇرۇپتۇ، كېيىن ئاسىدادا تاغ ئىلاھىغا ئايلىنىپتۇ. 1908-يىل ئۆمۈر كۆرۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن رىۋايەت تارقىلىپ، تەنجۇن قەدىمكى چاۋشيەننىڭ ئاساسچىسى دەپ تونۇلغان.