Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تاناكا مەلۇماتنامىسى
دۇنيا تارىخى
田中奏折
tián zhōng zòu zhé
1927-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە ياپونىيە تاناكاگىئىچى ھۆكۈمىتى توكيودا <شەرق يىغىنى> ئېچىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ باش فاڭجېنىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتكەن. جۇڭگونىڭ شۇ چاغدا ئىگە بولغان بىر ھۈججىتىگە ئاساسلانغاندا، تاناكا <شەرق يىغىنى> نىڭ قارارىغا بىنائەن بىر پارچە مەخپىي مەلۇماتنامە تەييارلاپ تېننوغا سۇنغان، ئۇنىڭدا <جۇڭگونى بويسۇندۇرماقچى ئىكەنمىز، ئالدى بىلەن مانجۇرىيە، ئىچكى موڭغۇلىيىنى بويسۇندۇرۇشىمىز لازىم؛ دۇنيانى بويسۇندۇرماقچى ئىكەنمىز، ئالدى بىلەن جۇڭگونى بويسۇدۇنۇرۇشىمىز لازىم> دېيىلگەن، كېيىنكى چاغلاrردا ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتى ئاشۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىغا پۈتۈنلەي ماس كەلگەن، لېكىن تاناكا مەلۇماتنامىسىنىڭ ئەسلى ئورگىنالى زادىلا تېپىلمىغان، مەلۇماتنامىنىڭ راست - يالغانلىقى مەسىلىسى ئۈستىدە تا ھازىرغىچە دە - تالاش بولماقتا.