Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
碳 炭酸系数
بىئولوگىيە
كابولىك كىسلاتا كوئېففىتسېنتى
<فېئودال كوئېففىتسېنتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆلچەملىك تەجرىبە شارائىتىدا، ئوخشاش بولمىغان دېزىنفېكسىيىلەش دورىلىرىنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى فېنولنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈش ئىقتىدارى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئىپادىلەيدىغان بىر مۇھىم پارامېتر. كوئېففىتسېنت تەجرىبە قىلىنىدىغان دېزىنفېكسىيىلەش دورىسىنىڭ دورىسىنىڭ ئون مىنۇت ئىچىدە ئۆلتۈرەلەيدىغان بەلگلىك مىقداردىكى تەجرىبە باكتېرىيىسى سانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قويۇقلۇقىنى ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە كاربولىك كىسلاتا ئۆلتۈرگەن تەڭ مىقداردىكى تەجرىبە باكتېرىيىسى سانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قويۇقلۇقىغا بۆلگەندىن كېيىن كېلىپ چىققان قىممەت. دېزىنفېكسىيىلەش دورىسىنىڭ كوئېففىتسېنتى چوڭ بولسا باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. كوئېففىتسېنتى كىچىك بولسا باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا فېنول كوئېففىتسېنتىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان دېزىنفېكسىيىلەش دورىلىرىنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنى سېلىشتۇرۇپ، مۇۋاپىق دېزىنفېكسىيىلەش دورىسىنى تاللاشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. كاربولىك كىسلاتا كوئېففىتسېنتىنى ئۆلچەشكە دائىم كېزىك تاياقچە باكتېرىيسى ئىشلىتىلىدۇ، باشقا باكتېرىيە، مەسىلەن، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنىمۇ تەجرىبە باكتېرىيىسى قىلىشقا بولىدۇ.