Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
塔木卡
دۇنيا تارىخى
تامكار
قەدىمكى زاماندا مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى پادىشاھلىق سودىگەرلەرنىڭ ئاتىلىشى. ئۇلار خان جەمەتى ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ سودا گۇماشتىلىرىدىن ئىبارەت ياكى تاشقى سودىنى ۋەكالىتەن ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا جازانىخورلۇق ۋە يەر، قۇل سودىسى بىلەن مۇستەقىل شۇغۇللانغان. ئۇلارغا قاراشلىق ئۇششاق سودىگەرلەر سامارۇ (پارچە ساتقۇچى سودىگەر) دەپ ئاتالغان. قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ <ماممۇرابى قانۇنى> دا تامكارلارنىڭ يېتەرلىك ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچكە ئىگە تەبىقە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.