Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
塔庙
دۇنيا تارىخى
مۇنارسىمان ئىبادەتخانا
(ئاھاڭ تەرجىمىسى <زىگگۇرات>). قەدىمكى زاماندا مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى بىرخىل قۇرۇلۇش شەكلى بولۇپ، ئىبادەتخانا ئىمارەتلىرى توپىنىڭ زۆرۈر تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. كۆپىنچە ئۈچ قەۋەت ياكى يەتتە قەۋەت بولۇپ، ئىچكى خانىسى يوق، سىرتىدىكى پەلەمپەي ئارقىلىق مۇنارنىڭ ئۇچىغا چىقىشقا بولىدۇ. يېڭى بابىلون دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 626 - 538) دە ياسالغان ئاجىمىنان مۇنارىسىمان ئىبادەتخانىسىنى ۋەكىل قىلىشقا بولىدۇ. بۇ مۇنارسىمان ئىبادەتخانا بابىلون شەھىرىدىكى مەردەك ئىبادەتخانىسىنىڭ يېنىغا ياسالغان بولۇپ، كېسەك بىلەن قوپۇيرۇلغان، پەلەمپەي شەكىللىك، يەتتە قەۋەت بولۇپ، ئېگىزلىكى 90 مېتىر، تۆۋەنكى قەۋەت تۆت يان تەرىپىنىڭ ھەبىرى 91 مېتىر كېلىدۇ. ئېيتىلىشىچە يەتتە قەۋەتىنىڭ رەڭگى ھەرخىل بولۇپ، يەتتە يۇلتۇز ئىلاھنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇچىدا بىللور قەسىر بولۇپ، ئىلاھ مەردەڭنىڭ ئىلاھنىڭ ھەيكىلى قويۇلغان. كاھىنلار مۇشۇ يەردە ئىلاھقا نەزىر - چىراغ قىلىدىكەن ۋە ئاسمان ھادىسىلىرىنى كۆزىتىدىكەن. بۇ مۇنار <ئىنجىل> دا ئاسمانغا تاقاشقان مۇنار< دەپ ئاتالغان.