Uyghurئاساسىي لۇغەت
تامغا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تامغا، مۆھۈر، نىشانە، بەلگە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياغاچ، تۇچ، كۈمۈش، سۆڭەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارغا ئىدارە ياكى شەخىسنىڭ نامى ئويۇلۇپ ياسالغان، ھۆججەتلەرگە بېسىلسا، شۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە.
«تامغا» ، «پېچەت» لەر ئىدارە - جەمئىيەتلەرنىڭ.
«مۆھۈر» قازى ئاخۇنۇملارنىڭ.
«تۇجاڭزا» ، «چوزا» شەخسنىڭ.
ياش ۋاقتىدا قىلغان ئىبادەت تاشقا تامغا باسقاندەك، قېرىغاندا قىلغان ئىبادەت قۇمغا تامغا باسقاندەك. پوچتا پېچىتى بېسىلغان ماركا ئىشتىن چىققان بولىدۇ. قۇلۇمدا قازى ئاخۇنۇمنىڭ مۆھۈرى بېسىغان خەت بار. ھازىر تۇجاڭزا، چوزىلار ئانچە ئىشلىتىلمەيدۇ، ئىمزا ئىناۋەتلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش _ ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىدىغان، ئايرىمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىزنا.
« ئىز » بىرەر نەرسىدىن چۈشىدۇ.
« تامغا »، « ئەن » لەر كۆپرەك مالغا سېلىنىدۇ.
يېزىق تىلىنى خاتىرلەيدىغان بەلگىلەر سىستېمىسدۇر. سۈكۈت _ رازىلىقنىڭ ئالامىتى. ماڭغان يولدا ئىز قالىدۇ، كۆيگەن ئوتتا كۈل. ئەنگە قاراپ مېلىنى تونۇيدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتە ھەممىگە سىنپىي تامغا بېسىلغان بولىدۇ. مالنى تامغىسىدىن ئايرى، ئادەمنى سۆزىدىن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تارماق.
دېڭىز، كۆل ۋە دەريالارغا قويۇلىدىغان سۇنىڭ بىر تارمىقى، قولتۇق. كېمە ياكى قېيىق توختايدىغان يەرمۇ شۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تامغا سۇۋى تاشرا چىقىپ تاغىغ ئۆتەر
ئارتۇچلارى تەگرە ئۈنۈپ تىزگىن يەتەر
{تامغا سۈيى تېشىپ چىقىپ تاغدىن ئۆتەر،
ئارتۇچلىرى تىزگىن كەبى قاتار ئۆسەر.}
تارماق ئېقىم سۈيى تېشىپ، تاغ ئارىلاپ ئۆتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئارتۇچ دەرەخلىرى تىزگىندەك قاتار - قاتار ئۆسىدۇ.
1 - 553
ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
«تامغا» دېگەنلىك - «بەلگە»، «نىشان» دېگەنلىك. تامغا ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇ تارىختا خىلمۇ خىل رول ئويناپ كەلگەن. تامغا ئەينى زاماندا بىر قەبىلىنىڭ بەلگىسى بولغان، شۇنداقلا يېزىقنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدا ئاساس بولغان.
ئۇيغۇر خەلقى شەھەر ھاياتىغا كۆچمەستىن بۇرۇن، ئۇزاق مۇددەت چارۋىچىلىق ھاياتى كەچۈرگەن. چارۋىلار بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ كەتسە، ياكى يوقىلىپ كەتسە ئوڭاي تونۇۋېلىش ئۈچۈن ئۆز ماللىرىغا ئوخشاشمىغان بەلگە نىشانى قويۇش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن تامغا پەيدا بولدى. بۇ خىل تامغا تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئوتتا قىزىتىلىپ ماللارنىڭ ئوڭ ياكى سول ساغرىسىغا بېسىلىدۇ.
بەلگە - نىشاننىڭ «ئەن» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تۈرىمۇ بولغان. بۇ قوي، ئۆچكە قاتارلىق ئۇششاق ماللار ئۈزۈن قوللىنىلغان. ئۇششاق ماللارنىڭ ئوڭ ياكى سول قۇلىقى ئوخشاشمىغان شەكىلدە كېسىلىپ، ياكى تىلىنىپ قىلىنغان بەلگە «ئەن سېلىش» دەپ ئاتالغان. شەخىشلەرنىڭ ماللىرى يوقىلىپ كەتسە ياكى بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ كەتسە ئەنە شۇ ئەنگە قاراپ تونۇۋالغان.
«تامغا» كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە گۇۋاھ - ئىسپات سۈپىتىدە ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا، شەخىسلەردە قوللىنىشقا باشلىغان. بۇ خىل تامغىلار ئالتۇ، كۈمۈش، مىس قاتارلىق مېتاللاردىن ۋە قاشتېشى، سۆڭەك ۋە ياغاچتىن ياسالغان.
«تامغا» ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا ھەر خىل خەت - چەك، ھۆججەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلاتتى. ئۇ ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ھوقۇق - ئىمتىيازىنىڭ بەلگىسى ئىدى. ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا تامغا تۇتىدىغان مەخسۇس ئادەملەر بولۇپ، ئۇ «تامغىچى» ياكى «مۆھۈردار» دەپ ئاتالغان.
كونا جەمئىيەتتە دىن ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان چاغلاردا قۇززات، قازى، ئەلەم، مۇپتىلاردىن تەركىب تاپقان قازىخانا (دىنىي سوت مەھكىمىسى) بولغان. مەھكىمە ئالاھىدە ھوقۇق - ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ، ئۇ قانۇنغا دائىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان. شۇڭا قۇززات، قازى، ئەلەم ۋە مۇپتىلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان مۆھۈرلىرى بولۇپ، ئۇ مەھكىمە شەرئى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم - پەتىۋالارغا بېسىلاتتى. بۇ قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىناتتى. پۇقرالار «مۆھۈر ھەققى» تۆلەيتتى.
كونا جەمئىيەتتە ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىداكىشىلەرنى جىسمانىي جەھەتتىن نابۇت قىلىدىغان جازا تۈرلىرى ۋە جازا قوراللىرى بار ئىدى. تامغا كۆپىنچە «تۈزەلمەس» ئوغرىلارنىڭ پېشانىسىگە بېسىلاتتى. باشقىلار ئۇنىڭ پېشانىسىدىكى تامغىغا قاراپ، ئۇنىڭدى ئېھتىيات قىلاتتى. بۇ خىل تامغىمۇ تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئوتتا قىزىتىلىپ بېسىلاتتى. (ر)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەرسە ۋە ھەرخىل مەھسۇلات قاتارلىقلارنىڭ كىمگە ۋە قايسى ئورۇنغا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش، تۈرگە ئايرىش ئۈچۈن، خەت ياكى بەلگە ئويۇلغان قورال.
نەرسە، ئالاقە ۋە ھەرخىل مەھسۇلات قاتارلىقلارنى ئاجرىتىش ياكى ئۇلارنىڭ كىمگە، قايسى ئورۇنغا تېگىشلىكلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قويۇلىدىغان بەلگە.
تامغا بېسىلغان رەخت.
كۆچمە. ئەسەر، نىشان، ئىز.
زۇلۇم - زۇلمەت تامغىسى.
كۆچمە. كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا بىنائەن چىقىرىلغان بۇيرۇق، ھۆكۈم، قارار.
ئۇنىڭغا خىيانەتچى ئۇنسۇر دېگەن تامغا بېسىلغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
مۆھۈر، داغمال.